send link to app

TUS Lite app for iPhone and iPad


4.8 ( 6448 ratings )
Education
Developer: ZULIYAER KUERWAN
Free
Current version: 1.0, last update: 6 years ago
First release : 12 May 2017
App size: 3.03 Mb

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دوستلار، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن. جەمئىيىتىمىزدە تۈركچە ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۇقىرلاپ مىڭىشى ۋە تۈركچە ئۈگەنگۈچى دوستلارنىڭ تۈركچە سۈپەتلىك بىر يانفۇن ئەپ لوغىتىگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ ئىشىشى، ھازىرغىچە بار بولغان لوغەتلەرنىڭ بولسا بۇ ئىھتىياجنى قامداپ كىلەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،گۇرۇپپىمىز (TUS) دىگەن بۇ تۈركچە -ئۇيغۇرچە قوش يۆنىلىشلىك لوغەتنى ئۇزۇن ۋاقىت ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ياساپ چىقتۇق. بۇ لوغەت نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ- قۇۋەتلىشى ۋە ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ مۇناسۋەت بىلەن لوغەت تۈزۈشكە قاتناشقان بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى ئىيتىمەن. لوغەتتىكى بارلىق سۆزلەر پىدائىي قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن بىرمۇ -بىر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۆز كىرگۈزۈش جەريانىدا خاتا كىرگۈزۈپ قويغان يەرلەر بولسا توغرا چۈشىنشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لوغىتىمىزگە كىرگۈزۈلگەن سۆزلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن كىتاپ شەكىلدە تۈزۈلگەن لوغەتلەردىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،كىرگۈزۈلگەن لوغەتلەردە سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە تۈزگەن جۈملىلەردە خاتالىقلار مەۋجۈد ئىكەن.ئەگەر لوغەت ئىشلىتىش جەريانىدا خاتا كىرگۈزۈلگەن سۆز ياكى خاتا تۈزۈلگەن جۈملىلەر بولسا بىزنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

لوغەتنىڭ ئالاھىدىلىكى

1.تۈركچە-ئۇيغۇرچە ئىزدەش
2.ئۇيغۇرچە-تۈركچە ئىزدەش
3.كۆپ ئىشلىتىگەن تۈركچە سۆزلەرنىڭ جۈملىسى بولۇش
4.تۈركچە سۆزلەرنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىش

دوستلارنىڭ (TUS) لوغىتىمىزنى ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن خاتالىقىلارنى بىزگە ۋاقتىدا يەتكۈزىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن لوغىتىمىزنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.